باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ سەنيادىكى قىسمىنى كۆزدىن كەچۈردى

2013.04.12 11:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

9-ئاپرېل،خەينەن سەنيادا شى جىنپىڭ ماتروس ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئۈستى ئوچۇق ماشىنىغا چىقىپ، ھەيۋەتلىك ھەربىي پاراتتا، يۆياڭ، خېڭشۈي، يۈلىن ناملىق پاراخوتلارنى بىرمۇ-بىر كۆردى.

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ بۇ يىللىق يىغىنىنىڭ ئالاقىدار پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ بولغاندىن كېيىن، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ سەنيادىكى قىسمىغا ئالايىتەن بېرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى، كۆپچىلىكنى پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى كۈچلۈك ئارمىيە قۇرۇش نىشانىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئەمەلىيىتىگە تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  4-ئايدىكى سەنيانىڭ ھاۋاسى ناھايىتى ياخشى ئىدى. 9-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇزلاردا، شى جىنپىڭ قىسقا يەڭلىك ھەربىي فورما كىيىپ، دېڭىز ئارمىيەسى مەلۇم قوغلىغۇچى پاراخوت تارماق ئەترىتىنىڭ ھەربىي پورتىغا باردى. بارلىق ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ ھەربىي قىياپىتىنىڭ مۇنتىزىم، روھىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ ئىكەنلىكىنى كۆردى. شى جىنپىڭ ماتروس ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئۈستى ئوچۇق ماشىنىغا چىقىپ، ھەيۋەتلىك ھەربىي پاراتتا، يۆياڭ، خېڭشۈي، يۈلىن ناملىق پاراخوتلارنى بىرمۇ-بىر كۆردى.

  سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ تارغىنا بۆلمىسىدە، شى جىنپىڭ ئەتراپىدىكى ماتروسلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، ئۇ يېڭى بىر ئەۋلاد سۇ ئاستى پاراخوت ئەسكەرلىرى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەردىن خۇرسەن بولۇپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر جاپاغا چىداپ، ياخشى مەشىقلىنىپتۇ دەپ ماختىدى، ئۇلارنىڭ بوران-چاپقۇن، يىراق دېڭىزلاردا ئىرادىسىنى چېنىقتۇرۇپ، ياخشى ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  شى جىنپىڭ ھەربىي پورتنىڭ دولقۇندىن ساقلىنىش توسمىسىدا، پورت ئەسلىھەلىرىنى ئەستايىدىل كۆزدىن كەچۈردى، ھەربىي پورت قۇرۇلۇشىنىڭ ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. مەلۇم بازىنىڭ ئىشخانا بىناسى ئالدىدا، شى جىنپىڭ دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ سەنيادىكى قىسمىنىڭ پولك دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرى كادىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  چۈشتە شى جىنپىڭ ماتروسلار ئاشخانىسىغا بېرىپ، تاللا تاماق ئېلىپ، ماتروسلار بىلەن بىللە غىزالاندى. ماتروسلار ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت مەۋقەسى، گازارمىغا تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت كىشىلىك ھايات ئىنتىلىشىنى دوكلات قىلدى، شى جىنپىڭ بۇنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولدى.

  كۆزدىن كەچۈرۈش مەزگىلىدە، شى جىنپىڭ دېڭىز ئارمىيە قىسمىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دېڭىز ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

  ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر بىر مەزگىلدە، قىسىمنىڭ ئىدىيە-سىياسىي قۇرۇلۇشىنىڭ بىر مۇھىم ۋەزىپىسى-ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشقا يېتەكلەپ، شەخسىي غايىنى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىغا سىڭدۈرۈپ، مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، گازارمىغا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، گازارمىغا تۆھپە قوشۇش. ئىدىيە-سىياسىي قۇرۇلۇشنى چىڭ تۇتۇشتا، كۈرەش روھى، كۈرەش ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ ئەسكەر بولۇپ كۈرەش قىلىش، ئەسكەرلەرنى كۈرەشكە يېتەكلەش، ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈپ كۈرەش قىلىش ئىدىيەسىنى كۈچەيتىپ، كۈرەش روھىنى يېتىلدۈرىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. فىلوتنىڭ پارتىيە تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ھەربىي پاراخوت قىسمىنىڭ تۈرلىرىنى كۆپەيتىپ، مۇداپىئەدە تۇرۇشنى تارقاقلاشتۇرۇپ، نۇقتىنى ئاشۇرۇپ، سەپنى ئۇزارتىپ، دائىرىنى كېڭەيتىش، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش لازىم. ئاساسىي قاتلام كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ ۋە كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ غەم-ئەندىشىلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۈگىتىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە