باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرىمىز, دېدى

2013.04.12 16:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ مۇداپىئە ۋەزىرى ئىتسۇنورى ئونودېرا 12-ئاپرېل ياپونىيەدىكى ئامېرىكا ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى ئودوننېل بىلەن سۆھبەتلەشتى، ئىككى تەرەپ چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق ھەمكارلىشىشقا قوشۇلدى.

  ئىتسۇنورى ئودوننېل بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنداق دېدى: چاۋشيەننىڭ ئىغۋاگەرچىلىك سۆز-ھەرىكەتلىرىگە چىداپ تۇرغىلى بولمايدۇ، مەن ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ بۇندىن كېيىن چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتا داۋاملىق ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئودوننېل مۇنداق دېدى: چاۋشيەننىڭ يېقىندىكى ھەرىكىتىگە چىداپ تۇرغىلى بولمايدۇ، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئاخباراتتىن تەڭ پايدىلىنىپ، ياپونىيەدىكى ئامېرىكا ئارمىيەسى قوغدىنىش قىسمى بىلەن زىچ ئالاقىلىشىپ، چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشىگە تاقابىل تۇرۇشقا ياخشى تەييارلىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە