باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 12 خادىمى سۇداندا ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلدى

2013.04.11 16:46        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 11-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سۇداندا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ئۆمىكى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت نىڭ سۇداندىكى ئالاھىدە خادىملىرىنىڭ شۇ كۈنى جەنۇبىي سۇداندىكى جوڭلەي ئۆلكىسىدە قوراللىق خادىملارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، بەش نەپەر تىنچلىقنى ساقلىغۇچى ئەسكەر ۋە يەتتە نەپەر مەمۇرىي خادىمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

  باياناتتا، بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىشتا ئاز دېگەندە توققۇز نەپەر تىنچلىق ساقلاش خادىمى ۋە پۇقرالارنىڭ يارىلانغانلىقى ئېيتىلغان.ھىندىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىق ساقلاش ۋەزىپىسىگە قاتنىشىۋاتقان ھىندىستانلىق بەش ئەسكەرنىڭ شۇ كۈنى جەنۇبى سۇداندا قوراللىق خادىملارنىڭ ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلىقىنى، باشقا بەش ھەربىينىڭ يارىلانغانلىقىنى دەلىللىدى. تۇيۇقسىز ھۇجۇم ھىندىستانلىق 32 ئەسكەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر ئاپتوموبىل كالونىنى مۇھاپىزەت قىلىپ كېتىۋاتقاندا يۈز بەرگەن ئىكەن.

  ھىندىستان ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: «ب د ت نىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانى يارىدارلارنى جەنۇبىي سۇداننىڭ پايتەختى جوباغا ئېلىپ باردى ھەمدە يارىدارلارنى ئۇ يەردىن ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ لاگىرىغا ئېلىپ بېرىپ قۇتقۇزىدۇ. قازا قىلغان بەش ھىندىستانلىقنىڭ جەسىتى ھىندىستانغا ئېلىپ كېتىلىدۇ.»

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە