باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر بىرلىكسەپ بۆلۈمى باشلىقلىرى سۆھبەت يىغىنىدا، دىنىي ساھەنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

2013.04.26 11:21         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ بىرلىك سەپ بۆلۈمى باشلىقلىرى سۆھبەت يىغىنى 22 – ئاپرېل ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شاۋكەت ئىمىن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىشنى باھاردىن باشلايلى، ئەمەلىي ئىشلەيلى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى پۇرسەت بىلىپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، خىزمەتلەرنى يەكۈنلەپ، تەپەككۇر يولىنى يېڭىلاپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ، دىنىي ساھەنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈملىرىنىڭ باشلىقلىرى بۇ يىللىق خىزمەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  شاۋكەت ئىمىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىق خىزمىتى يىغىنىدا دىنىي ساھەنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتى توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، جايلار ئۈنۈملۈك سىياسەت – تەدبىرلەرنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ‹‹تۆتنى باشقۇرۇش››نى تېخىمۇ كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇش؛ ئاۋۋال يولغا قويۇپ سىناق قىلىش، سىياسەتنى ئۇنىۋېرسال يولغا قويۇش، قانۇن بويىچە باشقۇرۇش يۆلىنىشىدە تەۋرەنمەسلىك؛ ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىش، قانۇن بويىچە باشقۇرۇشتا ئېغىشماي چىڭ تۇرۇش؛ ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، قانۇنسىز چېگرادىن كىرىش، قانۇنسىز ئولتۇراقلىشىش، قانۇنسىز ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ يامراپ كېتىشىنى قەتئىي چەكلەش؛ تەربىيەلەش داۋامىدىكى مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، 4 – باسقۇچلۇق ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىنىڭ ياخشى باشلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش؛ دىنىي ساھەنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداشنى خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىشى كېرەك.

  شاۋكەت ئىمىن مۇنداق دېدى: ھازىر بىرلىك سەپ، مىللەتلەر، دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى فاڭجىن، سىياسەت، نىشان ۋە ۋەزىپىلەر ناھايىتى ئېنىق، مۇھىمى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە. ھەر دەرىجىلىك بىرلىك سەپ تارماقلىرى ۋە بىرلىك سەپ كادىرلىرى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بىرلىك سەپ، مىللەتلەر، دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سىياسەت ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم – كۈتسىز ئىجرا قىلىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاققىچە ئەمىن بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە