باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فرانسىيە تاراتقۇلىرى ھوللاندىنىڭ جۇڭگودىكى زىيارىتىگە دىققەت قىلدى

2013.04.26 15:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن فرانسىيە پىرېزىدېنتى ھوللاندى 25-ئاپرېلدىن 26-ئاپرېلغىچە جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. فرانسىيە تاراتقۇلىرى ھوللاندىنىڭ بۇ قېتىمقى جۇڭگودىكى زىيارىتىگە ناھايىتى دېققەت قىلدى.

  25-ئاپرېل نەشىردىن چىققان فرانسىيەدىكى ئاساسلىق گېزىت «دۇنيا گېزىتى»نىڭ باش ستونى، ئىككىنچى بېتى ۋە ئۈچىنچى بېتىگە ھوللاندىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بېسىلدى. باش بەتتىكى باش ماقالىنىڭ تېمىسى «فرانسىيە بىلەن جۇڭگو، بېيجىڭدىكى 37 سائەت» بولدى. ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ھوللاندى 25-ئاپرېل بېيجىڭغا يېتىپ باردى، بۇ ئۇنىڭ پىرېزىدېنت بولغان 12 ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشى.

  فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 24-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ھوللاندى بۇ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇش ئارقىلىق فرانسىيەنىڭ ئوتتۇرىھال كۆلەمدىكى كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىدىكى تەرەققىياتىنى قوللايدۇ، گېرمانىيە بىلەن بولغان پەرقىنى تىرىشىپ كىچىكلىتىدۇ. شۇ كۈنى فرانسىيەنىڭ مۇئاۋىن كېڭەش پالاتا باشلىقى، سابىق باش مىنىستىر ژان پىر رافالەن فرانسىيەدىكى ئاساسلىق خەۋەرلەر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە