باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىدە 30دىن ئارتۇق يايما ئورنى سەھەردە كۆيۈپ كۈلگە ئايلاندى

2013.04.26 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «1-ماي يېتىپ كېلىش ئالدىدا، نەرسە ـ كېرەك سېتىۋالىدىغان كىشىلەرنىڭ بىر قەدەر كۆپلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، نۇرغۇنلىغان سودىگەرلەر ماللىرىنى يايما ئورنىغا دۆۋىلىۋالغان بولۇپ، بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى» 25-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، يايمىغا دۆۋىلەنگەن ماللارنىڭ كۈلگە ئايلانغانلىقىنى كۆرگەن 25 ياشلىق دۇكاندار مياۋ شيافېي ئۈمىدسىزلىنىپ يىغلاپ كەتتى.

  شۇ كۈنى سەھەر سات 1:50 ئۆتكەندە، مياۋ شيافېي يايما ئاچقان ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۆمۈر يول ئىدارىسى رايونى جەنۇبىي 2-يولى بىلەن جەنۇبىي 3-يولى كېسىشىدىغان جايدىكى بازارغا ئوت كەتكەن بولۇپ، 30دىن ئارتۇق دۇكان كۆيۈپ كەتكەن، سودىگەرلەر نۇرغۇن زىيانغا ئۇچرىغان. ماللىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كۆيۈپ كەتكەن.ئىگىلىنىشىچە، زىيانغا ئۇچرىغان 30دىن ئارتۇق دۇككان ئىگىسىگە 10 مىڭ يۈەندىن 100 مىڭ يۈەنگىچە زىيان بولغان.

  ئوت كېتىش سەۋەبىنى دېگەندە، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان دۇككاندار تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: يايمىلار كەچ كىرىشى بىلەنلا تاقىلىدۇ، ئوت كەتكەن يايما ئىچىدە توك سىمىمۇ، ئوچاقمۇ، ئوت مەنبەسىمۇ يوق، بەلكىم مەلۇم بىرسى مەقسەتلىك ئوت قويغان بولۇشى مۇمكىن.نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يۇقىرى، يېڭى كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر) رايونلۇق ج خ شۆبە ئىدارىسى، ج خ ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتى، ج خ ئوت ئۆچۈرۈش ئاياللار چوڭ ئەترىتى بۇ ئىشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈۋېتىپتۇ. (مۇخبىر شى فېڭسېن، پراكتىكانت مۇخبىر جوڭ ۋېي)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە