باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ج خ چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش ئەترىتى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشكە ئائىت 22 تۈرلۈك تەدبىر تۈزدى

2013.04.25 16:36         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:شىنجاڭ ج خ چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش – مۇلازىمەت قىلىشتا 22 تۈرلۈك خىزمەت تەدبىرىنى تۈزۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 15 قۇرۇقلۇق، ھاۋا پورتىنىڭ راۋان بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 22 تۈرلۈك تەدبىر ئاساسەن تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن: 13 قۇرۇقلۇق پورتىغا ۋاقىتلىق كىرگەن ئاپتوموبىللاردىن ئېلىنىدىغان توختىتىش ھەققى، پورتتىكى جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئاپتوموبىللىرىنى كۆزىتىش ھەققى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھەققى ئېلىشنى بىكار قىلىش؛ نەق مەيداندىكى دىجورنىلىك ئەسلىھەسى، كۆرسىتىش بەلگىسىنى ئۆزگەرتىش، 90 تەكشۈرۈش يولى، 54 تەكشۈرۈش سۇپىسى كۆپەيتىش، ئۆزگەرتىش، 173 مۇلازىمەت ئەسلىھەسى كۆپەيتىش؛ ئالدىن كېلىشىپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش، «ئوچۇق يول 110»، ئېگىزلىك ئۆتىڭى قاتارلىق خەلققە قولايلىق يارىتىدىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىش، يولۇچىلارنىڭ تەكشۈرۈشنى كۈتۈش ۋاقتى قىسقارتىلىپ، پورتنىڭ تاماژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش؛ قانۇن ئىجرا قىلىش ئۇچۇرىنى تورغا كىرگۈزۈش، قانۇن ئىجرا قىلىش تەرتىپىنى توردا باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيىتىنى توردا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىش سۈپىتىنى توردا تەكشۈرۈش يېڭى ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئىناۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش؛ پورتتىكى چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتلىرىغا ھۆججەت تەكشۈرۈش ئەسۋابى، كىنىشكا ئوقۇغۇچ، سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى، پارتلايدىغان بۇيۇملار ۋە زەھەرنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى، ئاپتوموبىل ئاستىنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى قاتارلىق بىر تۈركۈم يۇقىرى تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرى سەپلەپ بېرىپ، تەكشۈرۈش، كونترول قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش.

  باش ئەترەت يەنە خىزمەت ئورنى ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈش تەربىيەسى، رايونلار ئارا كەسپىي ئالاقە، مۇتەخەسسىس ۋە ئىختىساسلىقلار ئامبىرى قۇرۇلۇشى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ساپا ئارقىلىق ئىقتىدارنى ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرگۈچىلەر قوشۇنىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشنى ئورۇنلاشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە