باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك م ك سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى

2013.04.24 11:28        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

  تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، سىچۈەن لۇشەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى.

  يىغىن باشلانغاندا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپى بىلەن يىغىنغا قاتناشقان جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۇ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، سىچۈەن لۇشەندىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغان قېرىنداشلار ۋە خەتەردىن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان جەڭچىلەرگە سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى.

  يىغىندا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ سىچۈەن لۇشەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى ئەھۋالى ۋە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: سىچۈەننىڭ لۇشەندە يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تېزدىن ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئېنىق قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ ۋە سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىدىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگەللەشنى تەلەپ قىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىسىدا، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بىۋاستە قوماندانلىقىدا سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر ۋە مەركەزدىكى ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار جىددىي ھەرىكەتكە كەلدى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم سەپنىڭ ئالدىدا ماڭدى، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەر بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا يولۇقسا ھەممە ياردەم قىلىش روھىنى جارى قىلدۇردى، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ جاپالىق تىرىشىشى ئارقىسىدا، ئاپەت بولغان رايوندا خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش، ساقلىقنى ساقلاش، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاساسىي مۇئەسسەسەنى رىمونت قىلىش، مەبلەغ ۋە ماددىي ئاشيا جەھەتتە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەردە مۇھىم ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشتى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھازىر يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى نۆۋەتتىكى ئىنتايىن مۇھىم ھەم جىددىي خىزمەت سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر ۋە تېخىمۇ ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى قەتئىي ياخشى ئورۇنداپ، ئاپەتنىڭ زېيىنىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش كېرەك، نۆۋەتتە تۆۋەندىكىدەك خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇش كېرەك.

  بىرىنچى،قاپسىلىپ قالغان ئاممىنى داۋاملىق ئاختۇرۇپ، يارىدارلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇش، ئىككىنچى، ئاپەت بولغان رايوندىكى ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۈچىنچى، ئاساسىي مۇئەسسەسەلەرنى رىمونت قىلىش ۋە خارابىلىكنى تازىلاش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى قىلىش، ئاساسىي مۇئەسسەسەلەرنى رىمونت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى قىلىپ، ئاپەت بولغان رايوندا سۇ، توك، ماي، گاز تەمىناتىغا، خەۋەرلىشىش ئالاقىسىنىڭ راۋان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، 4- ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئاپەتتىن كېيىن قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى قىلىش، سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگەللەپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى سىياسەت تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈش شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاپەت بولغان رايوندىكى ئاممىنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ، زىياننى ئىمكان قەدەر ئازلىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش لازىم، 5-، جامائەت پىكرى ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىش لازىم، 6-يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئامىيەمىزنىڭ ھېرىپ چارچاشتىن قورقمايدىغان، ئىزچىل كۆرەش قىلىدىغان قەيسەر ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن كۆرەش قىلىش، جەڭگىۋارلىق روھىنى ساقلاپ، مەركەزنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، داۋاملىق ياخشى زەربىدارلار ئەترىتى بولۇپ، قاپسىلىپ قالغان ئاممىنى داۋاملىق ئاختۇرۇپ، ئارمىيەنىڭ داۋالاش كەسپىدىكى كۈچلەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ماسلىشىپ، ئالاقىدار كەسىپلەردە قۇتقۇزۇشقا پائال قاتنىشىپ، ساقلىقنى ساقلاش، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە ماسلىشىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بىزنىڭ ئالغا بېسىش يولىمىزنىڭ داغدام بولۇپ كېتىشى ناتايىن، چوقۇم ئۇنداق ياكى مۇنداق قىيىنچىلىق، خىرىسلارغا يولۇقىمىز، بىز خاتىرجەم شارائىتتا خەۋپ خەتەرنىمۇ ئويلاپ، خەۋپ ئېڭىنى ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خەتەرگە ھەر ۋاقىت تەييارلىق قىلىپ قويۇشىمىز لازىم، بىزنىڭ تەييارلىقىمىز بولسا، بىر نىيەتتە ھەمكارلاشساق، بىرلىكتە تاقابىل تۇرساقلا يولىمىزدىكى تۈرلۈك مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە دادىل تاقابىل تۇرۇپ، يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان قيىنچىلىق ۋە توساقلار ئۈستىدىن غەلبە قىلالايمىز.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: قانچە قىيىنچىلىق بولغانسېرى پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى شۇنچە ئاشىدۇ، ئالغا بېسىش روھى شۇنچە ئاشىدۇ، بۇ قېتىم يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۆرىشىدە مەيدانغا كەلگەن نەمۇنىلىك شەخسلەرنى، ئالىجاناپ ئىدىيە، ئىلغار ئىش ئىزلارنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، جۇڭگو روھى، جۇڭگو كۈچى ئۈچۈن يېڭى كۈچ قوشۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا ئىرادىدىن سېپىل ياساپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە