باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لۇشەندىكى يەر تەۋرەشنىڭ 5-كۈنى

يەر تەۋرەشكە قارشى تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىردى

2013.04.25 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

سۈرەتتە: تيەنچۇەن ناھىيەسى شياۋخې يېزىسىدىكى مەركەزلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئورنى. جاڭ شياۋلى فوتوسى (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)
  تيەنچۇەننىڭ ناھىيە بازىرى ۋە بىر قىسىم يېزا–بازارلىرىدا توك بىلەن تەمىنلەش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، ئىشلەپچىقىرىش-تۇرمۇش تەرتىپى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلمەكتە.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 24-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: سىچۇەن ئۆلكىسى لۇشەن ناھىيەسىدە «20-ئاپرېل» 7 بال يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەنگە بەش كۈن بولدى، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئەڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا قەدەم قويدى. ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرى ھەممە جايدىن ئاپەت رايونىغا توشۇلماقتا، سەھىيە يۇقۇملۇق كېسەلدىن ساقلىنىش، ئوت مۇداپىئە خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلماقتا.

  سىچۇەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 24-چېسىلا سائەت 12 گىچە، لۇشەندىكى يەر تەۋرەشتە 2 مىليون 310 مىڭ ئادەم ئاپەتكە ئۇچراپ، 193 ئادەم قازا قىلغان، 23 مىڭ 959 يارىدار قۇتقۇزۇلغان، 6144 ئادەم دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغان، تەخمىنەن 4633 ئادەم ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان، 794 ئادەم دوختۇرخانا يۆتكەپ داۋالانغان. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
سۈرەتتە: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خادىمى مۇھەممەد قاتارلىقلار ئىنائە قىلماقتا. لى لىڭكۇي فوتوسى (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە