باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ قىزىل كىرست جەمئىيتى يائەندىكى ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا 100 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى

2013.04.25 16:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:21-ئاپرېل، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرست جەمئىيىتى 1-دەرىجىلىك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، 13 نەپەر كەسپىي قۇتقۇزغۇچى خادىمدىن تەشكىللەنگەن «كۆك ئاسمان قۇتقۇزۇش ئەترىتى»نى ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا بېرىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئەۋەتكەن ھەمدە سىچۈەن ئۆلكىلىك قىزىل كىرست جەمئىيىتىگە 100 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلغان.

  شىنجاڭ قىزىل كىرست جەمئىيىتى كۆك ئاسمان قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ 1-تارماق ئەترىتىدىكى بەش نەپەر قۇتقۇزغۇچى خادىم 21-ئاپرېل سەھەر سائەت 6:00 دە ئاپەت رايونىغا يېتىپ بېرىپ، ئاپەت ئېغىر بولغان تۆت يېزىدا قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىپ 10 ئادەمنى قۇتقۇزۇپ چىققان.

  ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە، شىنجاڭ قىزىل كىرست جەمئىيىتى ئاپتونوم رايون بويىچە ئىئانە توپلاش توغرىسىدا مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}