باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلار ئاپەت بولغان جايلارغا يەنە پۇل ۋە ئەشيا ئىئانە قىلدى

2013.04.25 16:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى: سىچۈەننىڭ لۇشەندىكى يەر تەۋرەش پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قەلبىنى زىلزىلىگە سالدى. بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرى، ھەر قايسى ساھەلەر ئارقا-ئارقىدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، ئاپەت بولغان جايلارنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشكە ئاتلاندى. تۈركۈم-تۈركۈم ئىئانە پۇل ۋە ئەشيالار ئاپەت بولغان جايلارغا يەتكۈزۈلدى. جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتى سىستېمىسى لۇشەندىكى ئاپەت بولغان جايلارنى 29 مىليون 337 مىڭ 439 يۈەنلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىئانە پۇلى ۋە ئەشياسى بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو بۇددا دىنىي جەمئىيىتى، جۇڭگو تەرىقەت دىنىي جەمئىيىتى 23-ئاپرېل ئايرىم-ئايرىم دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، سىچۈەننىڭ لۇشەندىكى يەر تەۋرىگەن جايلار ئۈچۈن خەيرىلىك تىلىدى ھەم پۇل ئىئانە قىلدى.

  جۇڭگو بۇددا دىنىي جەمئىيىتى ئاپەت بولغان جايلارغا ئىككى مىليون 400 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئىئانە توپلىدى. دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى مۇھاجىرلار ئىشخانىسى بېيجىڭدا «مۇھاجىرلار مۇھەببەت قۇرۇلۇشى-يائەن لۇشەنگە رىشتە» ھەرىكىتى ئىئانە قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئىئانە قىلىش مۇراسىمىدا، چەتئەلدىكى مۇھاجىرلار، مۇھاجىرلار مەبلىغى كارخانىلىرى ۋە مۇھاجىرلارغا ئالاقىدار فوندى جەمئىيەتلەر بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق، 90 مىليون يۈەنگە يېقىن يۈەن پۇل ۋە ئەشيا ئىئانە قىلدى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى مۇھاجىرلار ئىشخانىسى ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلىرىمۇ ئاپەت بولغان جايلارغا ئىككى مىليون 900 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلدى.

  جىلىن ئۆلكىلىك خەيرى-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىنىڭ ئاكتىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، مېھرى-مۇھەببەت يەتكۈزۈشىنى تەشەببۇس قىلدى. 23-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتكىچە، جەمئىي 951 مىڭ 583 يۈەن توپلاندى. شەنشى ئۆلكىلىك پارتكومدىن ئىگىلىنىشىچە، شەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكوم، سىچۈەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ھال سوراش خېتى ئەۋەتكەن ھەم بەش مىليون يۈەن ئىئانە قىلغان. جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسى ئاپەت بولغان جايلارغا بەس-بەستە ياردەم قولىنى سۇنۇپ، ئاپەت بولغان جايلارغا بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن كارخانىلار ئىئانە قىلغان پۇل ۋە ئەشيانىڭ قىممىتى ئون مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى. ھازىرغىچە، ئۆلكە بويىچە لۇشەندىكى ئاپەت بولغان جايلارغا 120 مىليون يۈەنلىكتىن ئارتۇق پۇل ۋە ئەشيا ئىئانە قىلىندى. چىڭداۋ شەھىرى سىچۈەن يائەندىكى يەر تەۋرىگەن جايلارغا بەش مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى يائەندىكى يەر تەۋرىگەن جايلارغا تۇنجى تۈركۈمدە 12 مىليون يۈەن جىددىي ئىئانە قىلىشنى قارار قىلدى.

  چېڭدۇ ھەربىي رايونى 24-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن لۇشەن، باۋشىڭدىكى ئاپەت بولغان جايلارغا 20 مىليون يۈەن پۇل ۋە 20 ماشىنا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەشياسى ئىئانە قىلدى. يەر تەۋرىگەندىن بۇيان، بېيجىڭ شەھىرىدىكى ھەر قايسى چوڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرى ئاپەت بولغان جايلارغا ئون مىليون يۈەنگە يېقىن پۇل ۋە ئەشيا ئىئانە قىلدى. 23-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ لۇشەننىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن 2-تۈركۈمدىكى ئەشيالىرى نەننىڭدىن سىچۈەندىكى ئاپەت بولغان جايلارغا يەتكۈزۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}