باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران ئەلقائىدە بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئىنكار قىلدى

2013.04.24 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 24-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. شىنخۇا تورىنىڭ تېھراندىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مېھمان پاراسەت 23-ئاپرېل كانادا ساقچى تەرەپنىڭ ئىران چېگراسى ئىچىدىكى «ئەلقائىدە» تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ جىنايەت گۇماندارىنىڭ كانادادا تېرورلۇق ھۇجۇمنى پىلانلىشىغا كۆرسەتمە بەرگەنلىكى توغرسىدىكى سۆزىنىڭ ئاساسىي يوقلۇقىنى، ئىراننىڭ ئەلقائىدە بىلەن قەتئىي مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى ئېيتقان.

  كانادا ساقچى تەرەپ 22-ئاپرېل، كانادادىكى يولۇچىلار پويىزىغا تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغاشنى پىلانلىغان ئىككى نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغان، ھەمدە بۇ جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ ئىراندىكى «ئەلقائىدە» تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ قوماندانلىقىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

  مېھمان پاراسەت شۇ كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ھازىرغىچە، كانادا ساقچى تەرەپنىڭ جىنايەت گۇماندارىغا مۇناسىۋەتلىك ھىچقانداق ئەھۋال ۋە پاكىتنى تەمىنلىمىگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن :« ئەسەبىي تەشكىلاتلار، بۇلۇپمۇ ‹ئەلقائىدە› تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ۋە ئىدىئولوگىيەدىكى تەشەببۇسى ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قەتئىي ئوخشىمايدۇ. ئىرانمۇ تېررورلۇق ھۇجۇمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىسى، ئىران بىگۇناھ پۇقرالارغا قارىتىلغان ھەرقانداق زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق قىلمىشىغا قارشى تۇرىدۇ».

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە