باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«دىۋاڭ» سودا سارىيىنىڭ ئاياغ شەھەرچىسىدە «يائەنگە مېھرى- شەپقەت يەتكۈزۈش» بويىچە پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

2013.04.24 16:55         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى خەۋىرى. 23- يانۋار چۈشتە شىنجاڭ خەير- ساخاۋەت باش جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىكى «دىۋاڭ» سودا سارىيىنىڭ ئاياغ شەھەرچىسىدە «يائەنگە مېھرى- شەپقەت يەتكۈزۈش» بويىچە پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتتە 83 مىڭ 500 يۈەندىن كۆپرەك ئىئانە پۇل، ئۇزۇقلۇق تالقىنى ۋە چېدىر قاتارلىق قىممىتى 90 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان ماددىي بۇيۇم يىغىلدى.

  پائالىيەت نەق مەيدانىدا، تىجارەتچىلەرلا پۇل ئىئانە قىلىپلا قالماي، يەنە يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن پۇل ئىئانە قىلدى. 73 ياشقا كىرگەن بىر بوۋاي رادىئودىن بۇ توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلاپ، شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كوچا ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ، پائالىيەت نەق مەيدانىغا كېلىپ، 200 يۈەن ئىئانە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە