- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شى جىنپىڭ 9 دۆلەتنىڭ يېڭىدىن تەيىنلىگەن باش ئەلچىسى تاپشۇرغان دۆلەت مەكتۇبىنى قوبۇل قىلدى
خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش-ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىمىزنى قوللىغانلىقى ۋە ھال سورىغانلىقىغا تەشەككۈر ئېيتتى
2013.04.23 16:40 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا پاكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىسى خالىد، مالاۋىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىسى ماكاۋا، لىۋاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىسى ئابدۇل، سۇداننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىسى ئۆمەر، زامبىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىسى فېڭدا، لىۋىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىسى بۇسالى، فىلىپپىننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىسى باسىلىئو، ئىسپانىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىسى ۋالېنسىيا ۋە پورتۇگالىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىسى پارېرا تاپشۇرغان دۆلەت مەكتۇبىنى قوبۇل قىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ پاكىستاننىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىسى خالىد تاپشۇرغان دۆلەت مەكتۇبىنى قوبۇل قىلدى.(مۇخبىر جاۋ چېڭ)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە