باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن ئابې كابىنېتى ئەزالىرىنىڭ ياسۇكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلغانلىقى ئەيىبلەندى

2013.04.25 16:21         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاۋشيەن مەركەز ئاگېنتلىقى 24 – ئاپرېل باش ماقالە ئېلان قىلىپ، ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ ياسۇكونى ئىبادەتخانىسىغا نەزىرلىك قويغانلىقى ھەم كابىنېتنىڭ ئۈچ ئەزاسىنىڭ ياسۇكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى. باش ماقالىدە: ‹‹ بۇ ئابې كابىنېتىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ۋە قىرغىنچىلىقنىڭ سىمۋولى بولغان ياسۇكونى ئىبادەتخانىسىنى بازا قىلىپ، مىلىتارىزىملىق ئىدىيەسىنى ياپونىيە جەمئىيىتىگە يامرىتىش يامان غەرىزىنى ئىپادىلىدى››، دېيىلدى.

  باش ماقالىدە: ‹‹ھازىر ياپونىيە ياسۇكونى ئىبادەتخانىسىدىن پايدىلىنىپ فاشىزىم مەدەنىيىتىنى تىرىلدۈرۈۋاتىدۇ، بۇ مىلىتارىزىمنىڭ ئەرۋاھلىرىنى ئويغىتىشقا ئۇرۇنۇپ، تاجاۋۇزچىلىق يولىغا قايتىدىن مېڭىشتەك ئالدىراڭغۇلۇق قىلمىشى، شۇنداقلا چاۋشيەن ۋە ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قىلىنغان ھاقارەت ۋە ئىغۋاگەرچىلىك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ياپونىيەنى تارىخىي بەختسىزلىككە سۆرەپ كىرىدىغان جىنايى قىلمىش››، دېيىلدى.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە