باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنىغا 20 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى

2013.04.24 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلقنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىسا، ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى ئەرز قىلسا بولىدۇ

  تۈزىتىلگەن قانۇن ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىدا بەلگىلەنگەن «ئومۇمىي مەنپەئەت دەۋاسى تۈزۈمى» بىلەن باغلىنىدۇ


  23-ئاپرېل بېيجىڭدا ئېچىلغان 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2-قېتىملىق يىغىنى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى مۇھاكىمە قىلىشقا باشلىدى. لايىھەدە ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە ئائىت بەلگىلىمىلەر تەپسىلىيلەشتۈرۈلۈپ، تىجارەتچىلەرنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى كۈچەيتىلدى، توردا نەرسە سېتىۋېلىش قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، مەمۇرىي تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئايدىڭلاشتۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.

  دۆلىتمىزدە نۆۋەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى 1993-يىلى ماقۇللانغان، بۇ قېتىم 20 يىلدىن بۇيان تۇنجى تۈزىتىلگەن بولۇپ، دۆلەتنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش قاتلىمىدىن ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن دەل ۋاقتىدا دەل پەيتىدە باسقان قەدىمى ھېسابلىنىدۇ.

  ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغان قىلمىشلارغا قارىتا، لاھىيەدە جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى شۇنىڭدەك ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردە تەسىس قىلىنغان ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنسا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەندى.

  بۇ بەلگىلىمە، 2012-يىلى 8-ئايدىكى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللىنىپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بىلەن باغلىنىدۇ. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىدا تۇنجى قېتىم «ئومۇمىي مەنپەئەت ھەق تەلەپ تۈزۈمى» ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، «مۇھىت بۇلغاش، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق ئومۇمىي مەنپەئەتكە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارغا قارىتا قانۇندا بېكىتلگەن ئورگانلار ياكى مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنسا بولىدۇ،» دەپ بەلگىلەندى. ماۋ لېي، پېڭ بو خەۋىرى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

ئالاقىدار خەۋەرلەر