باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنا 2–دۇنيا ئۇرۇشىدا قېپقالغان نۇرغۇن ئوق–دورىنى كۆيدۈرۈۋەتتى

2013.04.25 16:20         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇكرائىنا تاراتقۇلىرىنىڭ 23 – ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇكرائىنانىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە يېقىندا بايقالغان، 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدا قېپقالغان 600 نەچچە توپ ئوقىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن.

  خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ‹‹1 – ماي›› رايونىدىكى پۇقرالار 19 – ئاپرېل 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدا قېپقالغان 25 مىناميوت ئوقىنى تاسادىپىي بايقاپ، ئالاقىدار تارماقلارغا دوكلات قىلغان. قۇرۇلۇش پارتلاتقۇچىلىرى ئېھتىيات بىلەن قېزىپ، يەنە 585 مىناميوت ئوقىنى تاپقان، بۇلارنىڭ 473ى 82 مىللىمېتىر كالبېرلىق مىناميوت ئوقى، 112 سى 76 مىللىمېتىر كالبېرلىق توپ ئوقى ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە