باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما « يالغان ئۆلۈپ قېلىپ»، ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىنى قورقىتىۋەتتى

2013.04.25 13:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. شۇ يەر ۋاقتى 23-ئاپرېل سائەت 13 ئەتراپىدا، ئامېرىكا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تىۋىتتىر مىكروبىلوگىدا «ئالاھىدە خەۋەر» بېرىلگەن :« ئاق سارايدا ئىككى قېتىملىق پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى، ئوباما يارىلاندى». بۇ ئۇچۇر تارقالغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن تاراتقۇلار بۇ ئۇچۇرنى تارقىتىپ، ئامېرىكا كاپىتال بازىرىدا شۇ ھامان ئەندىشە پەيدا قىلغان، نيۇيورك پاي بازىرى داۋجونس سانائىتىنىڭ ئوتتۇرىچە كۆرسەتكۈچى 150 نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان، ئۆلچەملىك پۇرنىڭ 500 خىل پاي كۆرسەتكۈچى ۋە ناسداك ئۇنىۋېرىسال كۆرسەتكۈچىدىمۇ بىر قەدەر زور ھەجىمدە تۆۋەنلەپ كېتىش كۆرۈلگەن، نيۇيوركتىكى ماي باھاسىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ چۈشۈپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەبلەغ سالغۇچىلار خەتىرى تۆۋەنرەك بولغان دۆلەت ئاكسىيە بازىرىغا ئېقىپ كىرىپ، ئامېرىكا دۆلەت ئاكسىيە باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

  ئەمما ئامېرىكا ئاخبارات ئاگېنتلىقى تېزدىنلا ئۇ ئۇچۇرنى چىقىرىۋەتكەن، ھەمدە ئۇلار مىكروبىلوگ نومۇرىنىڭ خاككىرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، ئاق ساراينىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنىڭ يالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىگىلىنىشىچە، ۋەقە يۈز بېرىشتىن بۇرۇن، خاككىرلار توختىماي ئامېرىكا ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ شىفىىرىنى ئوغرىلاشقا ئۇرۇنغان. ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى كارنېرمۇ مۇخبىرلار يىغىنىدا، پارتلاشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى، ئوبامانىڭ يارىلانمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئارقىدىنلا، سۈرىيە زۇڭتۇڭى بەشىرنى قوللايدىغان بىر خاككىرلار تەشكىلاتى «سۈرىيە ئېلېكترون ئارمىيەسى» بۇ قېتىمقى ئىشنى قىلغانلىقىنى ئىتىراپ قىلغان. ۋەقە ئېنىقلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىمۇ دەرھاللا يالغان خەۋەردىن بۇرۇنقى سەۋىيەگە قايتىپ كەلگەن، نېفىت باھاسىمۇ ئەسلىدىكى باھاغا قايتقان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە