باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خاڭجۇدىكى «بۆرىكىنى ئايفونغا ئالماشتۇرۇش» دېلوسى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلدى

تەشكىللىگۈچى باش جىنايەتچىگە 10 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى

2013.04.24 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرى، تۈنۈگۈن خاڭجۇنى بىر مەھەل زىلزىلىگە سالغان «بۆرىكىنى ئايفونغا ئالماشتۇرۇش» دېلوسى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلدى. 9 كىشىنىڭ ئادەم ئورگىنىنى سېتىشقا تەشكىللەش جىنايىتى بېكىتىلدى، باش جىنايەتچى لۈ xxكە 10 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلدى.

  جياڭگەن رايونلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ سودىيەسى مۇنداق بىلدۈردى، ئادەم ئورگىنىنى سېتىشقا تەشكىللەش جىنايىتى «جىنايى ئىشلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى (8)» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن يېڭىدىن بېكىتىلگەن جىنايەت تۈرى، بۇنداق دېلومو خاڭجۇدا تېخى تۇنجى قېتىم يۈز بەردى.

  جياڭگەن رايونلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلونى قاراپ چىقىپ ئېنىقلىشىچە، جاۋابكار لۈ xx پايدا كۆزلەپ، 2011-يىل 11-ئايدىن باشلاپ ئالاقە تورىدا ئۇزۇن مۇددەت ئادەم بۆرىكى سېتىۋالىمىز دەپ ئۇچۇر تارقىتىپ، بۆرىكىنى ئىختىيارلىقى بىلەن سېتىشنى خالايدىغان كىشىلەرنى توپلاپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، تىپىنى ئېنىقلاش، بۆرەك ئالدۇرۇش ئوپراتسىيەسىگە ئورۇنلاشتۇرغان. 2012-يىل 5-ئاينىڭ 28-كۈنى دېلو يۈز بەرگەندە، جاۋابكار 10دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ بۆرىكىنى ئالدۇرغان ھەمدە سېتىۋەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە