- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
بان كىمون خەلقئارا كۆچمەنلەر خىرىسىغا ئومۇميۈزلۈك تاقابىل تۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى
2013.04.24 16:16
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 22-ئاپرېل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيويوركتىكى باش ئورگىنىدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خەلقئارا كۆچمەنلەر مەسىلىسى ئېلىپ كەلگەن خىرىسقا ئومۇميۈزلۈك تاقابىل تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
بان كىمون مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەرنىڭ دۆلەت چېگراسىدىن ھالقىشىنى چەكلەش چەكلىمەسلىك مەسىلسى مەۋجۇت ئەمەس، چۈنكى بۇ مۇمكىن ئەمەس. نۆۋەتتىكى مەسىلە، بۇنداق نوپۇس يۆتكىلىشىگە قانداق قىلىپ پىلان ۋە سىياسەت تۈزۈپ، ئۇنىڭ پايدىسىنى كۆپەيتىش. كۆچمەنلەر بارغان دۆلەتلەر ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرالايدۇ، كۆچمەنلەر كەلگەن دۆلەتلەر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يېتەرسىز بولۇش قاتارلىق بېسىمىنى يېنىكلىتەلەيدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە