باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

گۈلچىلىكتىن بىيىش يولى تاپقان دېھقان

2013.04.23 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قاغىلىق ناھيى يېتىملىقۇم يېزا كەنىتئېرىك كەنتى 1-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق مۇھەممەدئىمىن سۇلايمان كىچىكىدىن باشلاپ گۈل ئۆستۇرۇشكە ھىرىسمەن بولۇپ، ئائىلە تۇرمۇشىدىكى بىر قېتىملىق ئوڭۇشسىزلىقتىن كېيىن، ھاياتىنى قايتىدىن باشلايدۇ. بىر قېتىم ئۇ ھويلىسىدىكى ئۆزى تىككەن30 نەچچە تەشتەك گۈلنى ناھيە بازىرىغا ئىلىپ بارىدۇ،ئويلىمىغان يەردىن بىر نەچچە سائەت ئىچىدە ،ئۇ 200يۈەنلىك گۈل سىتىپ چىقىرىدۇ.

  بازار ئىھتىياجنى تونۇپ يەتكەن مۇھەممەدئىمىن سۇلايمان ،ھويلىسىدىكى بوش يەرلەرگە گۈل ئۆستۇرۇپ،گۈلچىلىكنى كەسىپ قىلىپ تۇتىدۇ. 2005-يىلغا بارغاندا ئۇنىڭ سەرمايىسى 30مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.

  ئۇ گۈل سورتىنى كىڭەيتىش بىلەن،ھويلىسىدىكى 30كۇۋادىرات مېتىر بوش يەرنى لاپاس قىلىپ،بىر يىلنىڭ ھەممىسىدە گۈل ئۆستۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.2007-يىلى ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ئۈرۈمچىگە بىرىپ،سۇن سەيشياۋ ئىسىملىك خەنزۇ گۈلچى بىلەن دوسىت بولۇپ،ئۇنىڭ گۈل ئۆستۇرۇش بازىسىدا گۈل ئۆستۇرۇشنى ئۆگنىش بىلەن، گۇاڭجۇدىن كەلگەن گۈل سودىگەرلىرى بىلەن تونۇشۇپ،ئۇلار بىلەن دوسىت بولۇپ،گۇاڭجۇغا بىرىپ كۆزى ئېچىلغاندىن كىيىن، بۇ سودىگەرلەر بىلەن توختاملىشىپ،ھەر خىل مەنزىرە گۈل سورىتلىرىنى كىرگۇزۇپ،گۈلگە ھىرىسمەنلەر ۋە ئىدارە ئورگانلارنى تەلەپكە لايىق گۈل بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  2010-يىلغا كەلگەندە ئۇنىڭ يىللىق ساپ پايدىسى 60مىڭ يۈەندىن ئاشتى. 2012-يىلغا كەلگەندە ئۇنىڭ بىر قوشنىسى ئىككى مو كۆلەمدىكى پارنىكىغا خېرىدار چاقىرىدۇ،بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان مۇھەممەدئىمىن سۇلايمان 35مىڭ يۈەنگە بۇ پارنىكىنى سىتىۋىلىپ،مەخسۇس گۈل ئۆستۇرۇپ،قىشتا باشقىلارنىڭ گۈلىنى ساقلاپ بىرىشنى بىر گەۋدىلەشتۇردى.ھازىر ئۇنىڭ سەرمايىسى 300مىڭ يۈەنگە يەتتى. (قاغىلىق ناھىيەسىدىن ئىختىيارى مۇخبىرىمىز مۇساجان ياسىن خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە