باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بوستوندىكى پارتلاش ۋەقەسىدىكى 2-نومۇرلۇق جىنايەت گۇماندارىنىڭ بوغۇزى ئېغىر يارىلانغانلىقتىن، سوراققا يېزىقچە جاۋاب بەردى

ئاكىسى بىلەن «ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش كېلىشىمى» بولۇش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن

2013.04.23 17:08        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇ يەر ۋاقتى 21-چېسلا، بوستۇندىكى پارتلىتىش دېلوسىنىڭ جىنايەت گۇماندارى جوكخار سارنايېف(Dzhokhar Tsarnaev) ھۇشىغا كەلگەن. ئۇنىڭ بوغۇزى ئېغىر يارىلانغانلىقتىن، سوراق گۇرۇپپىسىنىڭ سورىغان بىر قىسم سوئاللىرىغا يېزىقچە ئاران جاۋاب بەرگەن. بوستۇن ساقچى تەرەپنىڭ مەسئۇل خادىمى، نۆۋەتتە جوكخارنىڭ «يارىسى ئېغىر، ئەمما ئەھۋالى تۇراقلاشتى» دېگەن.

  ئامېرىكا كولۇمبىيە رادىيو شىركىتىنىڭ مۇخبىرى جون مىللېرنىڭ دېيىشىچە، دوختۇر جىنايەت گۇماندارىنىڭ بويۇن قىسمىدىكى يارا ئېغىزىغا قاراپ ئۇنىڭ ئېغىزىغا قارىتىپ ئوق چىقىرىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولغانلىقىنى، ئەمما ئوق بوينىنىڭ ئارقا قىسمىدىن تېشىپ ئۆتۈپ كەتكەچكە، ھاياتى ساقلىنىپ قالغانلىقىنى قىياس قىلغان. بۇمۇ جوكخارنىڭ گەپ قىلالماسلىقىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن. ئەمما ئۇنىڭ ئاڭلاش سېزىمى زەخمىلەنمىگەن بولۇپ، سوراقچىلارنىڭ سوئاللىرىنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىكەن. دوختۇرنىڭ قارىشىچە، ئۇنىڭ سۆزلەش قابىليىتىنىڭ قايتا ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىنكەن.

  يەنە بىر ئەنگلىيە تاراتقۇسى ئامېرىكىلىق بىر قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىمىنىڭ گېپىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن: بەزى ئالامەتلەردىن سارنايېف ئاكا-ئۇكىلارنىڭ تىرىك قولغا چۈشمەسلىك، سوتقا چىقماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن «ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش كېلىشىمى» تۈزگەنلىكى مەلۇم.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە