باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ قاراسۇ چېگرا ئېغىزى رەسمىي ئېچىۋېتىلدى

2013.04.22 09:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:20-ئاپرېل، جۇڭگو ۋە تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ كېلىشىمىگە ئاساسەن شىنجاڭ قاراسۇ چېگرا ئېغىزى رەسمىي ئېچىۋېتىلدى. قونجىراپ چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلغۇچى كوماندىر-ئەسكەرلىرى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ئارقىلىق شۇ كۈندىكى چېگرا ئېغىزىغا يېتىپ كەلگەن ساياھەتچىلەر ۋە يۈزدىن ئارتۇق يۈك ماشىنىسىنىڭ چېگرادىن ئوڭۇشلۇق كىرىپ-چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دە ۋەزىپە ئىجرا قىلغۇچى كوماندىر-ئەسكەرلەر چېگرا ئېغىزىغا يېتىپ كەلدى. ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئۈسكىنىلىرىنى تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن، تەكشۈرگۈچى خادىملار ئارقا-ئارقىدىن يېتىپ كەلگەن يۈك ماشىنىلىرى شوپۇرلىرى ۋە چېگرىدىن كىرىپ چىقىۋاتقان ساياھەتچىلەر ئۈچۈن رەسمىيەت بېجىرىپ بېرىشكە باشلىدى. بۈگۈندىن باشلاپ ماشىنا توختىتىش ھەققە ۋە قوغداش ھەققى ئېلىنمايدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، يۈك ماشىنىسى شوپۇرى ۋاڭ ئۇستام بارلىق چېگرىدىن كىرىپ-چىققۇچىلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى بايان قىلدى:« بۈگۈن قاراسۇ چېگرا ئېغىزىنىڭ ئېچىۋىتىلگەن تۇنجى كۈنى، چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى بارلىق چېگرىدىن ئۆتۈش ھەققىنى بىكار قىلىپتۇ، بۇ بىز ئۈچۈن بىر ياخشى ئىش، يۈكىمىزنى يېنىكلىتىپلا قالماي، بىزنىڭ چېگرىدىن ئۆتۈش سۈرئىتىمىزنى تىزلىتىدۇ. بىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن رازى!»

  چۈشتىن كېيىنلىكى ھاۋا ئۆزگىرىپ، چېگرا ئېغىزىدا قار لەپىلدەشكە باشلىدى. قاراۋۇلخانىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان كوماندىر-ئەسكەرلەر قاتتىق سوغۇققا ۋە ئېگىزلىكتىكى ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ئەھۋالىغا پىسەنت قىلماي چېگرىدىن كىرىپ-چىقىۋاتقان ھەربىر ماشىنىنى تەكشۈرۈپ، چېگرا سىرتىدىكى قورال-ياراق، ئوق-دورىلارنىڭ، زەھەرلىك بۇيۇملار ۋە ئەكسىيەتچىل تەشۋىقاتلارنىڭ دۆلىتىمىزگە ئېقىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالسا، يەنە بىر تەرەپتىن قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ ئوغرىلىقچە چېگرىدىن چىقىشىنى توستى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تەكشۈرگۈچى خادىم ئوت يېقىلغان قاراۋۇلخانا ئىچىدە ئەستايىدىللىق بىلەن ساياھەتچىلەرنىڭ كىيىمى ۋە يۈك-تاقنى تەكشۈرۈپ، چەكلەنگەن بۇيۇملارنى چېگرىدا تۇتۇپ قىلىپ، چېگرا سىرتىدا توسۇۋېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ دۆلىتىمىزنىڭ دەرۋازىسىنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلدى.

  كەچ سائەت 7دە يېغىۋاتقان قار بارغانسېرى كۈچەيدى، بىرقىسىم ساياھەتچىلەر ۋە يۈك ماشىنىلىرى چېگراغا بىرئاز كېچىكىپ كەلگەنلىكتىن، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان كوماندىر-ئەسكەرلەر مۇلازىمەت ۋاقتىنى ئىككى سائەتتىن كۆپرەك ئۇزارتىپ، ئادەم ۋە ماشىنىلارنى ئوڭۇشلۇق چېگرادىن ئۆتكۈزدى. چېگرا ئېچىلغان تۇنجى كۈنىلا 30 نەپەر ساياھەتچى ۋە 106 ئاپتوموبىل چېگرادىن كىرىپ-چىقتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە