باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىچۈەندىكى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئۈنۈملۈك ۋە تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا

2013.04.23 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئاپرېل يائەندىن بەرگەن خەۋىرى: سىچۈەن ئۆلكىسى لۇشەن ناھىيەسىدە «20-ئاپرېل» 7 بال قاتتىق يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، سىچۈەن ئۆلكىسى جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، تېزلىكتە بىر مەيدان ئىلمىي، ئۈنۈملۈك، جىددىي ۋە تەرتىپلىك يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جېڭىنى قانات يايدۇردى.

  يەر تەۋرەش يۈز بېرىپ 20 مىنۇتتىن كېيىن، سىچۈەن ئۆلكىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ دۇڭمىڭ يوليورۇق بېرىپ، جىددىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاپەت رايونىغا دەرھال قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەۋەتىپ، شۇ جايدىكى كۈچلەرنى تەشكىللەش ئارقىلىق يېقىندىن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى ھەممىدىن ئۈستۈن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى ھەممىدىن مۇھىم، دەپ تەكىتلىدى.

  ئاپەت رايوننىڭ ئىجتىمائىي تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەندى. كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ ئاپەت رايونىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئۈمۈد تۇغۇلدى. سودا تور نۇقتىلىرى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ. قازا قىلغانلارنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرى ياخشى ئىشلىنىپ، ئاممىغا قارىتىلغان ئىدىيەۋى تەربىيە خىزمىتى كۈچەيتىلدى، پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش ياخشى ئىشلەندى. نۆۋەتتە، ئاپەت رايونىدىكى خەلقنىڭ كۆڭلى ئەمىن تېپىپ، جەمئىيەت مۇقىملاشتى. (جاڭ جۇڭ، پېڭ جۈن، جاڭ ۋېن، ۋاڭ مىڭفىڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە