باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لۇشەندىكى يەر تەۋرەشنىڭ 3-كۈنى

ئاپەت رايونىنىڭ ئالاقە، تاشيول ۋە توك يوللىرى ئاساسەن راۋانلاشتى

2013.04.23 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئاپىرىل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، سىچۇەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ 22-چېسلا چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن 5-مەيدان ئاخبارات يىغىنىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، 20-ئاپرېل سىچۇەن لۇشەندە 7 بال كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بېرىپ، يائەن ناھىيەسىدىكى 16 يېزا-بازارنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان، 22-چېسلا سائەت 12 گە قەدەر، 14 يېزا-بازارنىڭ ئالاقىسى ئەسلىگە كەلگەن، پەقەت يۇڭفۇ يېزىسى ۋە مىڭلى يېزىسىنىڭلا يەنىلا ئۈزۈك ھالەتتە تۇرۇپ قالغان. يادرولۇق ئالاقە ئىدارە-ئورۇنلىرىدىن بەشى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. پۈتۈن ئۆلكە بويىچە 3920 كىلومېتر تاشيول بۇزۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە 3513 كىلومېتر تاشيول جىددىي رېمونت قىلىنىپ تۇتاشتۇرۇلغان، جىددىي رېمونت قىلىنىپ تۇتاشتۇرۇلغان تاشيول مۇساپىسى %90كە يېقىنلاشقان.

  قاتناش تارماقلىرىنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، 22-ئاپرېل سائەت 18دىن 30 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، لۇشەن ناھىيەسى تەۋەسىدىكى ئىككى يېزا تاشيولى نۆۋەتتە جىددىي رېمونت قىلىنىۋاتقاندىن سىرت، يەر تەۋرەش ئاپىتى ئېغىر بولغان باۋشىڭ، لۇشيەن ناھىيەلىرى تەۋەسىدىكى دۆلەت، ئۆلكە دەرىجىلىك غول تاشيوللار ۋە ناھىيە، يېزىلار ئارا تاشيوللار جىددىي رېمونت قىلىنىپ تولۇق تۇتاشتۇرۇلغان ھەمدە قاتناش نورماللاشقان. (مۇخبىر ليۇ يۈگو، لياڭ شياۋچىن، جوۋ يافېي)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە