باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيەدە ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 6 ئادەم قازا قىلدى

2013.04.23 15:23   مەنبە: خەلق تورى

رۇسىيەدە ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 6 ئادەم قازا قىلدى

  خەلق تورىنىڭ 23-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. شىنخۇا تورىنىڭ موسكىۋادىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، موسكىۋانىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بېرگولود شەھەرلىك ھۆكۈمەت 22-ئاپرېل بۇ شەھەرنىڭ مەركىزىدە خەتەرلىك قوراللىق ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 6 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

  بېرگولود شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق دېيىلگەن : «قاتىل ئالدى بىلەن بىر سودا سارايدىكى بىر خېرىدارغا ئوق چىقارغان، ئۇنىڭدىن كېيىن كوچىدىكى يولۇچىلارغا ئوق چىقارغان. ئاندىن ماشىنىنى ھەيدەپ قېچىپ كەتكەن، ۋەقەدە نەق مەيداندا بەش ئادەم ئۆلۈپ، بىر ئادەم ئېغىر يارلانغانلىقتىن دوختۇرخانىدا ئۆلگەن.» ساقچى تەرەپ شۇ يەرلىك 32 ياشلىق سېرگىينى جىنايەت گۇماندارى دەپ قارىغان، نۆۋەتتە ئۇنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغلاپ تۇتۇۋېتىپتۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

 سۈرەتلەر

 ئاڭلىغانمۇسىز