باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھقا 123 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قورال-ياراق ياردىمى بەردى

2013.04.22 15:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:«سۇرىيەنىڭ دوستى» تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى يىغىنى 20-ئاپرېل تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئېچىلدى، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىررىي يىغىندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھقا 123 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق جانغا زامىن بولمايدىغان قوراللار ياردىمى بېرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا بېرىلگەن ياردەمنىڭ قىممىتى 250 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە باشقا دۆلەتلەرنىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەدە بېرىپ، خەلقئارا ياردەم قىممىتىنى بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈشكە دەۋەت قىلدى.

  كىررىي مۇنداق دېدى: يىغىنغا قاتناشقان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى قورال ياراقلارنىڭ تېررورچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىشىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن، بارلىق خەلقئارا ھەربىي ئىشلار ياردىمىنى سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھىنىڭ ئالىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا تاپشۇرۇشقا بىردەك قوشۇلدى.

  «سۇرىيەنىڭ دوستى» تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئاساسلىقى سۇرىيەنىڭ ھازىرقى ھاكىمىيىتىگە قارشى ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ئەرەب ئەللىرىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە