گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى: ھەرقايسى ئورۇن ۋە تەشكىلاتلار ۋاقتىنچە ئاپەت رايونىغا تەستىقسىز بارماسلىقى كېرەك
2013.04.22 15:40 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 21-ئاپىرىل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 21-چېسلا سىچۇەن لۇشەندىكى ئاپەت رايونىغا ياردەم بېرىش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تەرتىپلىك، ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چۈشۈردى.
رايونلار، ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار يېقىنقى مەزگىلدە پىرىنسىپ جەھەتتىن تەستىق ئالماي تۇرۇپ ئاپەت رايونىغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە خىزمەتچىلەرنى ئۆز ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرمايدۇ. ئاپەت رايونى ھەقىقەتەن ئېھتىياجلىق ئەھۋالدا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە
${KEYWORD}