باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالىم 2000 ناننى ئېلىپ لۇشەندىكى ئاپەت رايونىغا يېتىپ كەلدى

2013.04.23 14:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  22-ئاپرېل، ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا ئالىم (ئوڭدا) قەلبداشلار كارخانىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە خالتىغا قاچىلانغان نانلارنى ئايروپىلانغا يۆتكەۋاتىدۇ.

  22-ئاپرېل، سائەت 17:30 مىنۇتلار ئەتراپىدا، «ساخاۋەتچى كاۋاپچى» ئالىم نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئارزۇ – ئۈمىدى ۋە تىلىكىنى ئېلىپ، چۇڭچىڭغا قاراپ ئۇچىدىغان ئايروپىلانغا ئولتۇردى، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بارىدىغان يەنە بىر قەلبداش كىشى ۋەن گۇاڭجىن بولۇپ، ئۇلار سىچۇەندىكى ئاپەت رايونىغا 2 مىڭدىن ئارتۇق نان ۋە 3 مىڭ قۇتىدىن ئارتۇق مېنىرال سۇ، تەييار چۆپ ئېلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىىنىڭ ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقتىن ئۆتۈۋىلىشىغا ياردەم قىلىشقا ماڭدى.

  شۇ كۈنى چۈشتە، ئالىم ئالدىنقى كۈنى تەييار قىلىپ قويغان 2 مىڭدىن ئارتۇق ناننى قۇرۇتۇپ، خالتىلارغا بۆلۈپ ئوراپ قويغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە نانلارنى ماشىنىغا بېسىپ، ئايرودرومغا قاراپ ماڭدى.20-ئاپرېل، لۇشەندە يەر تەۋرىگەندىن كىيىن، كىشىلەرنىڭ يېتەرلىك ئۇزۇقلۇقىنىڭ يوقلۇقىدىن خەۋەر تاپقان ئالىم ئەمدىلا قاراماي غەربىي يولىدا ئاچقان قەلبداشلار كاۋاپخانىسىدا ئولتۇرالماي ئاپەت رايونىدىكى خەلق ئۈچۈن ئاز ـ تولا ئىش قىلىپ بېرشىنى ئويلىدى.

  ئالىم مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولغان ناننىڭ ئۇزۇن ساقلىغىلى بولىدىغان شۇنداقلا ئۇزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاپەت رايونىغا نان يەتكۈزۈپ بېرىشنى ئويلىدىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}