- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ناپولىتانو ئىتالىيە پىرېزىدېنتلىقىغا يەنە بىر قېتىم سايلاندى
2013.04.22 14:57 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
 |
پىرېزىدېنت ناپولىتانو |
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:ئىتالىيە ۋاقتى 20-ئاپرېل ئىتالىيە پىرېزىدېنت سايلىمى ئۈچ كۈن داۋاملاشقان ئالتە قېتىملىق ئاۋاز بېرىشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پىرېزىدېنت ناپولىتانو مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ئۇدا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ، قالايمىقان بولغان ئىتالىيە پىرېزىدېنت سايلىمىغا خاتىمە بەردى.
20-ئاپرېل بەش قېتىملىق پىرېزىدېنت سايلىمى مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا سول قانات ئىتتىپاقى، ئوتتۇرا ئوڭ قانات ئىتتىپاقى ۋە مونتىي رەھبەرلىكىدىكى پارتىيە گۇرۇھ «پۇقرالارنىڭ تاللىشى» نىڭ بىردەك تەلىپى ئارقىسىدا، ھازىر ئىتالىيەنىڭ پىرېىزدېنتلىقىنى ئۆتەۋاتقان ناپولىتانو بۇ ۋاقىتتا دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن قېچىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەڭ ئاخىردا يېڭى بىر نۆۋەتلىك پىرېىزدېنتلىق تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنت سايلىمىغا ئالتىنچى قېتىم ئاۋاز بېرىشتە، ناپولىتانو ئەمەلىي 997 بېلەتنىڭ 738 گە ئېرىشىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۇدا پىرېزىدېنت بولۇپ، ئىتالىيە جۇمھۇرىيىتى تارىخىدىكى ئۇدا پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان تۇنجى پىرېزىدېنت بولۇپ قالدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە