- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى خەلق ئاممىسى قىيىنچىلىقتىن بىللە ئۆتمەكتە
2013.04.23 15:40 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى: ھەرقايسى تەرەپلەر جىددىي ياردەم بېرىش بىلەن بىرگە، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى خەلق ئاممىسىمۇ ئۆز-ئۆزىنى، بىر-بىرىنى قۇتقۇزۇپ، قىيىنچىلىقتىن بىللە ئۆتمەكتە. لۇشيەن ناھىيەلىك تەنتەربىيە سارىيى لۇشيەن ناھىيە مەركىزىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلق ئاممىسىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئاساسلىق ئورۇن. بۇ يەردە ھۆكۈمەت ئۈزۈلمەي يىمەك-ئىچمەك ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تارقاتتى، كەچلىك تاماق ۋاقتىدا، كەنتىكىلەرمۇ نەچچە چوڭ قازان سېتىۋىلىپ، چۆپ سېلىپ يىدى.
لۇڭمىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئورنىدا، يەرلىك ئامما ئۆزلىگىدىن ئاددىي چېدىرلارنى سالدى، نۆۋەتتە چېدىر ۋە يېمەك-ئىچمەك يەنىلا كەمچىل، ئامما ئۆزلىرىنىڭ ئۆيلىرىدىن بىر قىسىم بۇيۇملارنى ئىزدەپ تېپىپ بىر-بىرى بىلەن ئورتاقلىشىۋاتىدۇ.
يەرلىك دۇختۇرخانىنىڭ دوختۇرلىرىمۇ 24سائەت ئاممىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە
${KEYWORD}