باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

غەربى رايون پىلانىغا قاتناشقان ئون مىڭ پىدائى مىللىي رايونلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ

2013.04.21 16:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزى كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچى پىدائىيلىرى غەربى رايون ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش پىلانىدىكى مەملىكەت بويىچە تۈرنى يولغا قويۇش كۆلۈمى 17 مىڭ ئەتراپىدا بولىدىكەن، تەخمىنەن ئون مىڭ پىدائىي مىللىي رايونلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، ئاساسىي مائارىپنى يولغا قويۇش قاتارلىق 7 مەخسۇس مۇلازىمەت تۈرىنى يولغا قويۇشقا داۋاملىق ئەۋەتىلىدىكەن.

  2013-يىلى ئالىي مەكتەپ پىدائىيلىرى غەربى رايونغا مۇلازىمەت قىلىش پىلانى دۆلەتنىڭ زور ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشى بولغان «ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي قاتلامدا تەربىيەلەش پىلانى»دىكى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئاساسىدا مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ياش پىدائىيلار جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلىنىدىكەن.

  ونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئالىي مەنپەت ئوقۇغۇچى پىدائىيلىرى غەربى رايون ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش پىلانى يولغا قويۇلغان ئون يىلدىن بۇيان، دۆلەتنىڭ غەربى رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ئىستراتېگىيەسى باشتىن ئاخىر زىچ چۆرىدىلىپ، يۈكسەك غايە تۇغى ئىگىز كۆتۈرۈلۈپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى شەكلى ئارقىلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى غەربىي رايوندىكى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ تۆھپە قوشۇش، ئىگىلىك يارىتىشنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىلدى، 140 مىڭ ياش پىدائىي غەربى رايون پىلانىغا قاتناشتى، 16 مىڭدىن ئارتۇق پىدائى مۇلازىمەت ۋاقتى توشقاندىن كېيىن غەربى رايوندا يىلتىز تارتىپ، ئىختىساسلىقلار بايلقىنىڭ مۇۋاپىق يۆتكىلىشى ۋە سەرخىل تەقسىملىنىشىگە ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، ياشلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنىڭ يېڭى سەھنىسىنى ھازىرلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە