باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

باغدادتىكى بىر قەھۋەخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 27 ئادەم قازا قىلىپ، 51 ئادەم يارىلاندى

2013.04.19 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 19-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. ئىراق ساقچى تەرەپ 18-ئاپرېل، ئىراق پايتەختى باغدادتىكى بىر قەھۋەخانىدا شۇ كۈنى كەچتە پارتلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئاز دىگەندە 27 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 51 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيىتتى.

  ئۇچۇرنى ئىگىلىگەن بىر ساقچىنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا ئېيتىشچە، بۇ قەھۋەخانا باغدادنىڭ غەربىي ئەمىلىيە رايونىدىكى بىر كىچىك مال سېتىۋېلىش مەركىزىنىڭ ئىچىدە بولۇپ، بۇ مەركەزدە يەنە كىيىم-كېچەك دۇكىنى، تورخانا، رېستوران قاتارلىقلار بار ئىكەن. پارتلاش شۇ يەر ۋاقتى 18-ئاپرېل كەچ سائەت توققۇز يېرىم ئەتراپىدا يۈز بەرگەن. قازا قىلغانلارنىڭ ئىچىدە ئاياللار ۋە ئۆسمۈرلەر بار ئىكەن.

  نۆۋەتتە ھېچقانداق تەشكىلات ۋە ئادەمنىڭ بۇ قېتىملىق پارتلاشنى پەيدا قىلغانلىقىنى جاكارلىمىدى.

  يېقىندا ئىراقتا پارتلىتىش ۋەقەلەر كۆپىيىپ، دىنىي مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش كۈچىيىپ، بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى، بۇنىڭدىن باشقا ئىراقتا 20- ئاپرېل ئۆلكە پارلامېنت سايلىمى ئېلىپ ېېرىلىدىغان بولۇپ، يېقىندىن بۇيان نامزاتلارغا قارىتىلغان ھۇجۇم قىلىش ۋە قەستلەش ۋەقەسى يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ. مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى، ئىراقنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى جايلىرىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 30 قېتىمدىن ئارتۇق پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دىگەندە 51 ئادەم قازا قىلىپ، 280 ئادەم يارىلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە