باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

12-نۆۋەتلىك «شىنجاڭ ياشلىرى 4-ماي مېدالى»نىڭ 20 نەپەر نامزاتى ئېلان قىلىندى

2013.04.17 16:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 16-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:مۇخبىرنىڭ 15-ئاپرېل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاققىچە ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا مەيدانغا كەلگەن مۇنەۋۋەر ياشلار ئۈلگىلىرىنى ئاكتىپ تەربىيەلەش، زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش ۋە تەقدىرلەش ئۈچۈن 12-نۆۋەتلىك «شىنجاڭ ياشلىرى 4-ماي مېدالى»نى باھالاش پائالىيىتىدە 20 نەپەر نامزات تاللاپ چىقىلغان. بىر نەچچە كۈنگىچە نامزاتلارنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى شىنجاڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تورىدا ئېلان قىلىنىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 12-نۆۋەتلىك «شىنجاڭ ياشلىرى 4-ماي مېدالى»نى باھالاش پائالىيىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى، ياشلار بىرلەشمىسى بىرلىكتە پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە قانات يايدۇرغان. باھالاش خىزمىتىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى، ئادىللىقى ۋە نوپۇزىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن باھالاش ئۇقتۇرۇشىنىڭ تەلىپى بويىچە تەشكىللەپ تونۇشتۇرۇش، شەخس ئۆزىنى تەۋسىيە قىلىش، باھالاش كومىتېتى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ بېكىتىش، تاللاش ئارقىلىق 20 نەپەر نامزات تاللاپ چىقىلغان، بۇ نامزاتلارنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى يەتتە كۈن ئاشكارىلىنىدىكەن. ئەگەر ئېلان قىلىنغان نامزاتلارغا باشقىچە پىكىرى بارلار بولسا 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىگە ھەقىقىي ئىسىم بىلەن ئىنكاس قىلسا بولىدىكەن.

  نازارەت قىلىش تېلېفونى: 2819033 2826915-0991 ، ئېلخەت ئادرېسى: xjqtwzzb@126.com

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە