- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
لى كېچياڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىدە يارىلانغانلارنى يوقلىدى
داۋالىنىش راسخوتىدىن غەم قىلماسلىقنى ئېيتتى
2013.04.21 15:52 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 21-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، لى كېچياڭ چېڭدۇ خۇاشى دوختۇرخانىسىغا يېتىپ كىلىپ، ئېغىر كېسەللەر بۆلۈمىدىكى يارىلانغان ئاممىنى يوقلىدى. بىر بوۋاينىڭ يېنىدا، لى كېچياڭ :« خاتىرجەم داۋالىنىڭ، داۋالىنىش راسخوتىدىن غەم قىلماڭ، ھۆكۈمەت سىلەرگە كۆڭۈل بۆلىدۇ» دېدى.
يارىلانغان بىر ئايالنىڭ يولدىشى ۋە ئوغلى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قېلىپ، كۆڭلى يېرىم بولغانلىقىنى كۆرۈپ، لى كېچياڭ: « بۇرۇنقىنى ئۇنداق كۆڭ ئويلىماڭ، كەلگۈسىگە ئۈمىدۋار بولۇڭ، قۇتقۇزغۇچى خادىملار چوقۇم پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىزدەيدۇ، سىز خاتىرجەم بولۇڭ» دېدى.
لى كېچياڭ دوختۇرخانىنىڭ مەسئۇلىدىن بىمارلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، دوختۇر-سېستىرالارنى رىغبەتلەندۈرۈپ، «كۆپچىلىك پۈتۈن كۈچ بىلەن بىمارلارنىڭ مېيىپ بولۇپ قېلىش نىسبىتى ۋە ئۈلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتەيلى، ئاسراش خىزمىتى بەك مۇھىم، كۆپچىلىك جاپا چەكتىڭلار، سىلەرگە كۆپ رەھمەت» دېدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە
${KEYWORD}