باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لۇشەندىكى يەر تەۋرەشنىڭ تۇنجى كۈنىدىكى ئەھۋال خاتىرىسى(1)

2013.04.21 10:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى: 20-ئاپرېل سائەت سەككىزدىن ئىككى مىنۇت ئۆتكەندە، سىچۈەن ئۆلكىسى يائەن شەھىرىنىڭ لۇشەن ناھىيەسىدە يەتتە بال قاتتىق يەر تەۋرىدى. 20-ئاپرېل يېرىم كېچىگىچە، 20-ئاپرېل لۇشەندىكى يەر تەۋرەشتە 160 ئادەم قازا قىلدى، ئالتە مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى. يەر تەۋرەش-سىچۈەننىڭ يائەن، چېڭدۇ، مېيشەن، دېياڭ، ميەنياڭ قاتارلىق 12 شەھەر، ئوبلاستىدىكى 33 ناھىيەنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئاپەتكە ئۇچراتتى. ئاپەت بولغان جايلاردىكى 34 سۇ ئامبىرى زىيانغا ئۇچرىدى، 1989 ئورۇندىكى سۇ تەمىنات قۇرۇلۇشى ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىدى، 303 مىڭغا يېقىن ئادەمنىڭ نورمال سۇ تەمىناتى تەسىرگە ئۇچرىدى، باۋشېڭ يېزىسىدىكى يۈشى دەريا قىنىدا توختام سۇ پەيدا بولدى.

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئارمىيە، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئالاقىدار تەرەپلىرى دەرھال ئاپەت بولغان جايلارغا بېرىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تەشكىللىدى. سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن خىزمەت گۇرۇپپىسى يەر تەۋرەش مەركىزىي رايونىغا يېتىپ باردى، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى جىددىي ئىشلەنمەكتە. سۈنئىي ھەمراھلىق خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىسى، ھاياتلىق تەكشۈرگۈچ قاتارلىق ئەسلىھەلەر سەپلەنگەن، داۋالاش، سەھىيە، ئوت ئۆچۈرۈش قاتارلىق تارماقلاردىن تەشكىللەنگەن تۈركۈم-تۈركۈم قۇتقۇزۇش كۈچلىرى داۋاملىشىۋاتقان قالدۇق يەر تەۋرەش، تاغدىن تاش چۈشۈش قاتارلىق خەتەرلەرگە قارىماي، تېزدىن ئاپەت بولغان جايلارغا قاراپ يولغا چىقتى. ھەر قايسى مىنىستىرلىق، كومىتېتلار جىددىي قۇتقۇزۇش مېخانىزمى بولغان جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسىنىڭ جىددىي ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش 1-دەرىجىلىك لايىھەسىنى تېزدىن يولغا قويۇپ، ئالدى بىلەن مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، تەۋرەش ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلدى؛ دۆلەتلىك ئاپەتنى ئازايتىش كومىتېتى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى جىددىي لايىھەنى دەرھال يولغا قويدى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى سەككىز تارماق بىلەن بىرلىكتە تەشكىللىگەن خىزمەت گۇرۇپپىسى ئاپەت بولغان جايلارغا يېتىپ باردى. ئاپەت بولغان جايلارغا بارىدىغان تېز سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ ھەممىسى ھەقسىز قىلىنىپ، يارىدارلار، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما، ئاپەتتىن قۇتقۇزغۇچىلار، ئەشيالارنى توشۇيدىغان يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرىنىڭ ئالدى بىلەن يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىندى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}