- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مۇشەررەف سوت مەھكىمىسىدىن قېچىپ كەتتى
2013.04.21 08:37 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
8-ئاپرېل ، پاكىستاندا دىراماتىك بىر ئىش يۈز بەردى : سابىق زۇڭتۇڭ مۇشەررەف سوت مەھكىمىسىگە كېپىللىككە بېرىش بۇيرۇقىنى ئۇزارتىشنى ئىلتىماس قىلغىلى بارغاندا ، ئەكسىچە ، تۇتۇش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغان ، بۇنىڭغا تەن بەرگۈسى كەلمىگەن مۇشەررەف قوغدىغۇچىلىرىنىڭ مۇھاپىزىتى ئاستىدا ساقچىلارنىڭ مۇھاسىرىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ، سوت مەھكىمىسىدىن ئېتىلىپ چىقىپ ، ئالدىراپ-تېنەپ قېچىپ كەتكەن .
بۇ مۇشەررەفنىڭ سىياسىي ھاياتىدا ئۇچرىغان ئەڭ چوڭ ئوڭۇشسىزلىقى . ئالدىنقى ئايدا ، ئۇ تالىباننىڭ ‹‹ يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش ›› تەھدىتلىرىگە قارىماستىن ، پاكىستانغا قايتىپ كەلگەن ، بىراق ، ئۇنىڭ تۆت رايونغا سۇنغان زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىش ئىلتىماسى رەت قىلىنىپ ، زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىشتەك شېرىن چۈشى بەربات بولۇپ، سىياسىي ھاياتىمۇ يار لېۋىگە بېرىپ قالغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە