خەلق تورى يائەن ئاپەت رايونىغا بىر مىليۈەن يۈەن ئىئانە قىلدى
2013.04.21 16:02 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 21-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. خەلق تورى بۈگۈن جىددىي ھالدا يائەندىكى ئاپەت رايونىغا بىر مىليون يۈەن ئىئانە قىلغانلىقىنى، بۇ پۇلنىڭ ئاپەت رايونىنى قايتا قۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
يائەندە يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، خەلق تورى ئەڭ تېز سۈرئەتتە خەۋەر بررىشكە تەشكىللىنىپ، ئاپەت ئەھۋالىنى توختاۋسىز خەۋەر قىلدى ھەمدە ئاپەت رايونىغا بىر قانچە مۇخبىرنى ئەۋەتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە