باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى ھەققىدە مۇھىم تەستىق سالدى

2013.04.21 08:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 20-ئاپرېل ئارمىيە ۋە قۇراللىق ساقچى قىسىملارنىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ يائەن شەھىرىنىڭ لۇشەن ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى ھەققىدە مۇھىم تەستىق سېلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يەر تەۋرەش يەرلىك ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال مۈلۈكىگە ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلدى، ئاپەت بۇيرۇق، قىسىملارنى تېزدىن يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئاتلىنىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ھەر قايسى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قىسىملىرى ئارمىيىمىزنىڭ ئۇرۇش قىلىش، ئۇرۇشتا غەلبە قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى، يارىدارلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ، يەنە بىر قېتىم ئاپەت يۈز بېرىشىدىن تىرىشىپ مۇداپىيە كۆرۈپ، يەرلىكنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا، ئاپەت يۈز بەرگەن رايوننىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى قاتارلىق خىزمەتلەرگە پائال ماسلىشىشى، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.

  مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى 20-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا جىددىي يىغىن ئېچىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەستىقىنى ئۆگۈنۈپ، سىچۈەن ئۆلكىسى يائەن شەھىرىنىڭ لۇشەن ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلدى، قىسىملارنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  يىغىندا مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى تېزدىن بىر قوماندانلىق ئورگىنى قۇرۇش، بۇنىڭغا چېڭدۇ ھەربىي رايونى مەسئۇل بولۇش، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەسكىرى كۈچىنى بىرلىكتە تەشكىللەش، سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇنداش قارار قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}