- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ش ئۇ ئا ر بۇ يىل يېزا مەكتەپلىرىنىڭ ئاشخانا قۇرۇلۇشىغا 500 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالىدۇ
2013.04.19 16:07 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم ئاپتونوم رايون بۇ يىل مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى يېزا مەكتەپلىرىنىڭ ئاشخانا قۇرۇلۇشىغا 528 مىليون 600 مىڭ يۈەن ئاجرىتىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئۇقۇشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلار ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش خىزمىتى سىناق يولغا قويۇلغان 31 ناھىيەدىكى %90 مەكتەپتە ئاشخانا بولمىغاچقا، مەكتەپلەر كارخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ دەرس ئارىلىقىدا ئوقۇغۇچىلارغا ئورالمىلىق يېمەكلىك تارقىتىش شەكلىنى قوللانغان.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 2011 – يىلىدىن باشلاپ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى يېزا مەكتەپلىرىنىڭ ئاشخانا قۇرۇلۇشىغا تۇتۇش قىلغان بولۇپ، 2011 –، 2012 – يىللىرى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى يېزا مەكتەپلىرىگە 2107 ئاشخانا سېلىش ئۈچۈن، 1 مىليارد 400 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجراتقان، ھازىر يېرىمىدىن ئارتۇق ئاشخانىلارنىڭ قۇرۇلۇشى تاماملانغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە