مەركەزنىڭ ئۆز ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتى يەنىمۇ قىسقارتىلىدۇ
2013.04.19 15:52 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، 4-ئاينىڭ 18-كۈنى، مالىيە مىنىستىرلىقى جەمئىيەتكە مەركەزنىڭ 2012-يىللىق «ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتى» خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2013-يىللىق «ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتى» خامچوتىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى. 2012-يىللىق خامچوت ئىجراسىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا سېلىشتۇرغاندا، مەركەزنىڭ 2013-يىللىق «ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتى» خامچوتى 126 مىليون يۈەن كېمەيگەن بولۇپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ «ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتى» كېمىيىدۇ، كۆپەيتىلمەيدۇ دېگەن ۋەدىسى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن.(مۇخبىر لى لىخۇي)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە