باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، ئالتە ئادەم قازا قىلىپ بىر ئادەم يارىلاندى

2013.04.15 14:05        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 15-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. 14-ئاپرېل سائەت 10 ئەتراپىدا، ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ 4126 كىلومېتىرلىق جايىنىڭ ئەگىمىسى (غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە قاراپ ماڭغان يۆنىلىش، بورتالا چېگراسى ئىچىدىكى سىتەي) دە بىر چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبېلى بىلەن بىر كىچىك يۈك ئاپتوموبېلى سوقۇلۇپ كېتىپ، ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، بىر ئادەم يارىلانغان.

  ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن خىزمەتچى خادىم تېلېفوندا مۇخبىرغا «新P07271» نومۇرلۇق چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبېلىنىڭ «新E05931»نومۇرلۇق كىچىك يۈك ئاپتوموبېلىنىڭ ئۈستىگە «مىنىپ قالغانلىقى»نى، ئىككى ئاپتوموبېلدىن تەخمىنەن 200 مېتىر يىراقلىقتىكى جايدا 6 ئادەمنىڭ ياتقۇزۇپ قويۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئالتە ئادەم نەق مەيداندا بەختكە قارشى قازا قىلغان. ھۆكۈم قىلىنىشىچە،بۇ ئالتە ئادەم كىچىك يۈك ئاپتوموبېلىنىڭ كوزۇبىدا ئولتۇرغان بولۇشى، ۋەقە يۈز بەرگەندە سوقۇلۇپ، ئاپتوموبېلدىن قاڭقىپ چىقىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ قېتىمقى قاتناش ھادىسىسىدە يەنە بىر ئادەم يارىلانغان بولۇپ، جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئۇنى بىڭتۈەن 5-شىسىنىڭ دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىپ قۇتقۇزغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە