باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئاياللار بېيجىڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرى بويىچە «ئىككى راك»نى تەكشۈرتتى

2013.04.12 17:29        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. 10-ئاپرېل، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭنىڭ شىنجاڭ خوتەنگە ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ مەخسۇس تۈر مەبلىغى تەسىس قىلىپ، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىدىكى نىشانلىق ياردەم بېرىلىدىغان رايونلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان «ئاياللاردىكى ئىككى خىل راكنى تەكشۈرۈش» خىزمىتى ئاخىرقى كۈچەش باسقۇچىغا كىرگەن. ھازىرغىچە، خوتەن ۋىلايىتىدە « سۈت بېزى راكى، بالىياتقۇ بوينى راكى» نى ھەقسىز تەكشۈرتكەنلەرنىڭ سانى 120 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، پائالىيەت 6-ئاينىڭ ئاخىرى ئاخىرلىشىدىكەن.

  سۈت بېزى راكى بىلەن بالىياتقۇ بوينى راكى ئاياللانىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىككى چوڭ «قاتىل»، بۇ ئىككى خىل راك كېسىلى ئەگەر دەسلەپكى باسقۇچتا بايقالسا، سۈت بېزى راكىنى داۋالاپ ساقايتىش مۇمكىنچىلىكى %60 كە يېتىدۇ، بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ساقىيىش نىسبىتى %90 كە يېتىدۇ. خوتەن ۋىلايتىدىكى ئاياللاردا سۈت بېزى راكى، بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ كۆپ كۆرۈلۈش ئەھۋالىغا قارىتا، 2011-يىلىدىن باشلاپ، بېيجىڭ 10 مىليون يۈەن مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاجرىتىپ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى بىر شەھەر، ئۈچ ناھىيە ۋە بىڭتۈەن 14-شىسىدىكى «ئىككى راكنى تەكشۈرۈش» خىزمىتىنى باشلىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە