مەملىكەت بويىچە تۇنجى يۇقىرى سوت مەھكىمىسى ئۆسمۈرلەر سوت كوللېگىيەسى بېيجىڭدا قۇرۇلدى
2013.04.12 16:50 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاپىرىل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، مۇخبىر بۈگۈن بېيجىڭ شەھەرلىك يوقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىگەن: قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە چېتىلىدىغان جىنايى ئىشلار دېلوسى، ھەق تەلەپ دېلوسى ۋە مەمۇرىي دېلولارنى «ئۇنىۋېرسال سوت قىلىش» بىرلەشتۈرۈلگەن سوت كوللېگىيەسى بېيجىڭ شەھەرلىك يوقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىدە قۇرۇلغان. بۇ مەملىكەت بويىچە يوقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىدە قۇرۇلغان، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر دېلوسىنى سوتلايدىغان تۇنجى سوت كوللېگىيەسى ئىكەن. (مۇخبىر شۈ جۈن)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە