باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيەنىڭ شەرقىي شىمال رايونىدا 5.2 بال يەر تەۋرىدى

2013.04.15 14:03   مەنبە: خەلق تورى

ياپونىيەنىڭ شەرقىي شىمال رايونىدا 5.2 بال يەر تەۋرىدى

  خەلق تورىنىڭ 15-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. ياپونىيە مېتىئورولوگىيە ۋازارىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيەدە شۇ يەر ۋاقتى 14-ئاپرېل سائەت 22 دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە، شەرقىي شىمال رايونىدا 5.2 بال يەر تەۋرىگەن، يەر تەۋرەش مەركىزى فۇكۇشىما ناھىيەسىنىڭ فۇكۇشىما دېڭىز رايونى (شىمالىي كەڭلىك37.5 گىرادۇس، شەرقىي مېرىدىئان 142.4 گىرادۇس) دا بولۇپ، تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 50 كىلومېتىر كېلىدىكەن. يەر تەۋرەش دېڭىز شاۋقۇنى خەتىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارمىغان. توكيودا يەر تەۋرەشنى خېلى كۈچلۈك ھىس قىلغىلى بولغان.

  ياپونىيە ئەمەلدارى يوشىخىدې سۇگا (Yoshihide Suga) تاراتقۇلارغا نۆۋەتتە مەزكۇر جايدا چوڭ كۆلەملىك ئاپەت ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنلىكىنى، يادرو ئىستانسىسىدىمۇ بىنورماللىق كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·قىرغىزىستان شىنجاڭنىڭ كوكىس كۆمۈرى تاۋلاش بازىرىنى نىشانلىدى 
      ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى پەن-تەتقىقات ئۆمىكى ئالاھىدە چوڭ نەتىجىگە ئېرىشتى
      ·قىرغىزىستان پايتەختىدە پارتلاش يۈز بېرىپ، ئىككى ئادەم قازا قىلدى
      ·يېڭى ئۇقۇم ئىنگلىز تىلى مۇسابىقىسى 10 يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى 
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەكتەپلەردىن يۇقۇملۇق كېسەلدىن ساقلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى
      ·بېيجىڭنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا دائىر ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ئوتتۇرىغا قويۇلدى،  10 تۈردىكى ئوقۇ…
      ·ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ خىزمەت ئورنى بىخەتەرلىك قوللانمىسى تارقىتىلدى 
      ·دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەكتەپكە بارىدىغان خەتەرلىك يوللار(1)
      ·باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سىرتتا ئىمتىھان ئا…
      ·شىنجاڭنىڭ 2013-يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى بېكىتىش خىزمىتى 4-ئايدا باشلىنىدۇ