مەملىكەت بويىچە H7N9 قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغۇچى 38گە يەتتى
2013.04.12 16:45 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 12-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى H7N9 قۇش زۇكىمىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. مەملىكەت بويىچە دىياگنۇزى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن كېسەل 38گە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلگىنى 10غا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 3 كىسەل شاڭخەيدە، 2 كېسەل جياڭسۇدا. شاڭخەيدىكى بىر يۇقۇملانغۇچى جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلگەن. نۆۋەتتە قۇش زۇكىمى تارقىلىش ھالىتىدە بولۇپ، ھازىرچە ئادەم ئادەمدىن يۇقۇملانغان ئەھۋال بايقالمىغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە