شاڭخەي مەركىزىي بىناسىنىڭ ئېگىزلىكى 500 مېتىردىن ئاشتى
2013.04.12 16:56 مەنبە: خەلق تورى
11-ئاپرېل، سېلىنۋاتقان شاڭخەي مەركىزىي بىناسى ئاساسى بىناسىنىڭ ئېگىزلىكى 500 مېتىرغا يەتتى. ئىگىلىنىشىچە، ئېگىزلىكى 632 مېتىر لايىھەلەنگەن شاڭخەي مەركىزىي بىناسىنىڭ ئاساسىي بىنا قۇرۇلمىسىنىڭ بۇ يىل 7-ئايدا ئۆگزىسى يېپىلىدىغانلىقى ھەمدە 2015-يىلى تولۇق پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. سۈرەتتە: شاڭخەي لۇجيازۈي رايونى، ئوڭ تەرەپتىكىسى سېلىنىۋاتقان دەرىجىدىن تاشقىرى ئېگىز بىنا — شاڭخەي مەركىزىي بىناسى. چېن جىچياڭ فوتوسى (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە