باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

2013.04.15 11:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى فابۇيۇس بىلەن كۆرۈشتى.
  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى فابۇيۇس بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە مۇھىم تەسىرگە ئىگە دۆلەتلەر، نۇرغۇن زور مەسىلىلەردىكى قاراشلىرى ئوخشىشىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ئاساسى چوڭقۇر، كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، ئىككى تەرەپ داۋاملىق ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپلىك ۋە خەلقئارا ئىشلاردىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ يېڭىچە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلىشى كېرەك، ئىشىنىمەنكى جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىپلا قالماي يەنە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن بازىرى يېڭىدىن گۈللەنگەن دۆلەتلەر ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتەك يېڭى قېلىپنى بەرپا قىلىشقا، جۇڭگو ياۋروپا مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، دۇنيانىڭ كۆپقۇتۇپلىشىشى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، جۇڭگو پىرېزىدېنت ھوللاندىنىڭ پات ئارىدا جۇڭگودا بولىدىغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، مەن ئۇنىڭ بىلەن جۇڭگو فىرانسىيە مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەت تەرەققىي قىلىشىغا نىشان كۆرسىتىپ بېرىشنى كۈتمەكتىمەن.

  فابۇيۇس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىرانسىيە بىلەن جۇڭگو مۇستەقىل ئۆز ئۆزىگە خوجا بولۇش دىپلوماتىيەسىدە چىڭ تۇرىدۇ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىدۇ، دۇنيا فىرانسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىگە مۇھتاج، پىرېزىدېنت ھوللاندى جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك كوللېكتىپى مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدىغان غەرب دۆلىتى باشلىقى، بۇ فىرانسىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتىكى تەشەببۇسكارلىقىنى تولۇق كۆرسىتىپ بەردى، ئىشىنىمەنكى بۇ قېتىمقى زىيارەت فىرانسىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە