باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يۈ جېڭشېڭ 11-بەنچەننى سەمىمىي قوبۇل قىلدى

2013.04.15 11:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىنىڭ شىزاڭ زالىدا 11-بەنچەن ئېردېنى چۆجىجېبۇنى سەمىمىي قوبۇل قىلدى.

  بەنچەن يۇ جېڭشېڭغا خادا سوغا قىلدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تارىختىن بۇيانقى بەنچەنلەرنىڭ ۋەتەننى، دىننى سۆيۈشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، مەسئۇلىيىتىمنى ئېسىمدە مەھكەم تۇتۇپ، ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن.

  يۇ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ يېقىندىن غەمخورلۇق قىلىشى، لاما دىنى ساھەسىدىكى پېشۋالار ۋە ئۇستازلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكچىلىك قىلىشى ئارقىسىدا بەنچەن قېتىرقىنىپ ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن، بۇدداشۇناسلىقتا چوڭقۇر بىلىم تەھسىل قىلىپ، مەدەنىيەت ساپاسىنى كۆپ ئۆستۈرۈپتۇ، مەن بەنچەننىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

  يۇ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: دىننىڭ گۈللىنىشى ۋە زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشى دۆلەتنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، دۆلەت گۈللىنىپ كۈچەيگەندە، جەمئىيەت ئىناق مۇقىم بولغاندا ئاندىن دىن ساغلام تەرەققىي قىلالايدۇ، راھبلارمۇ كۆڭۈل قويۇپ دۇئا ئىبادەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنالايدۇ، پارتىيەمىزنىڭ دىن خىزمىتىنىڭ ئاساسىي فاڭجېنلىرىنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى ــ دىن ۋە سوتسىيالىزمنىڭ ئۆزئارا ماس بولۇشىغا پائال يېتەكچىلىك قىلىش، ئۆزئارا ماس بولغان جەريان ھەم پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت باشلامچىلىق قىلغان جەريان ھەم دىنى ساھەدىكى ئەربابلارنىڭ ئاڭلىقلىق بىلەن تىرىشىش جەريانى، لاما دىنى ساھەسىدىكىلەر ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ۋەتەنگە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ، قانۇنغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، لاما دىنىنىڭ سوتسىيالىستىك جەمئىيەت بىلەن ماس قەدەمدە بولۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، شىزاڭ ۋە تۆت ئۆلكىدىكى زاڭزۇلار رايونىنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي رول ئوينىشى كېرەك.

  يۇ جېڭشېڭ بەنچەننىڭ ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، بىلىمىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتكە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاممىغا رىشتە باغلاپ، مەسئۇلىيىتىنى ئېسىدە مەھكەم تۇتۇپ، كۆپرەك تۆھپە قوشۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، لاما دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما ئىتائەت قىلىدىغان چوڭ گېگەنگە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە