باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قاغىلىق ناھيەسىنىڭ تاغلىق يېزىلىرىدا يەرلىك خەۋەر كۆرۇش ئىشقا ئاشتى

2013.04.15 14:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قاغىلىق ناھيەسىنىڭ كۆكيار،چوپان قاتارلىق بەش يېزا-بازار تاغلىق رايۇن بولۇپ،بۇ جايدىكى دېھقان-چارۋىچىلار مەركەزنىڭ شىنجاڭ-شىزاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە پىروگىرامملىرى ئارقىلىق سۈنىي ھەمراھ ئارقىلىق مەركەز ۋە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ تارقاتقان پىروگىرامملىرىنى بىۋاتە كۆرۇش ئىشقا ئاشقان بولسىمۇ،يەرلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە پىروگىرامملىرىنى كۆرەلمەيتتى.بۇ يىل ناھيەلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۇمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن،ناھيەلىك رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىستانسى ھەر ھەپتىلىك خەۋەرلەرنى ئوپتىك دىسكىغا قاچىلاپ،ھەر قايسى تەبىي كەنتلەرگىچە 450يۈرۈش دىسكا تارقىتىپ،تاغلىقلارنى يەرلىك خەۋەردىن ۋاختىدا خەۋەردار قىلدى.

  چوپان يېزا يۇقارقى ئوراڭ كەنتىدىكى پىشقەدەم ياچېيكا شۇجىسى ھۈسىيىن ھەسەن مۇنداق دېدى:بىز ئىلگىرى ناھيەنىڭ يەرلىك خەۋەرلىرىنى كۆرەلمەيتۈق،ھازىر كەنتىىتە ھەر كۇنى كۆرۇش ئىمكانىيتىگە ئېرىشتۇق. (ئىختىيارىي مۇخبرىمىز مۇساجان ياسىن خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە